تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

تۆت مىليون مودىن ئارتۇق تەبىئىي توغراقلىق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ

     خەلق تورى خەۋىرى. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان · كۈسەن» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ۋە شايار ناھىيەسىنىڭ 10-نۆۋەتلىك خەلقئارا توغراق بايرىمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ توغراق بايرىمى دېيىلىدۇ) نىڭ ئالدىن تەييارلىق پائالىيەتلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، توغراق بايرىمىدا توغراق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت سەنئەت نومۇرلىرى، قۇملۇقتا ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھارىتى، 3D چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، سېرىك پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمى 15 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك توغراق بايرىمىدا يەنە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش تۈرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بوشلۇقتىن تارىم دەرياسى بويىدىكى گۈزەل توغراقلىقنى تاماشا قىلالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى