تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن

  كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پۇقاي راپقات

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن – ئىشلەنمىگەنلىكىگە باھا بېرىشتە، ئەڭ ئاساسلىقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

  مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە پىشىپ يېتىلدىم، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتىم، پارتىيەنىڭ شەپقىتى، پارتىيەنىڭ مېھرىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمەن. شۇنىڭغا باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى. ھەر قانداق چاغدا، ھەر قانداق يەردە ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىم يۈرىكىمدە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاقلايمەن، قەلبىمدە ھەر مىللەت خەلققە چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتىم بار.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، كۈنلىرىمىز كۈندىن – كۈنگە بەختكە تولدى، ھەر مىللەت خەلق قېرىنداشلاردەك ئىناق – ئىتتىپاق ياشاپ، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈردى. ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى تۇرمۇشىمىزغا داغ تەگكۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇل تاشتىن ئايرىلساق، بىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىز ۋە گۈللىنىشىمىز ئاساستىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى مۇقەررەر ھالدا كاپالەتتىن مەھرۇم قالىدۇ.

  مىللەتلەر تالاش – تارتىش قىلسا، دۆلەتتە خاتىرجەملىك بولمايدۇ، ھەممە ئىشلار خارابلىشىدۇ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدۇ، خەلق تەس كۈنگە قالىدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسا، دۆلەتتە ئاسايىشلىق بولىدۇ، خەلق بەخت – سائادەتكە تولىدۇ، ئىقتىساد گۈللىنىدۇ، مىللەت ئىپتىخارلىققا چۆمىدۇ، خەلق بەختكە ئېرىشىدۇ. 23 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى توسۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولىمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، سىياسىي مەيدانىمنى داۋاملىق چىڭىتىپ، كۆڭلۈمگە كۈچلۈك ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى پۈكۈپ، پۇختا خىزمەت ئىستىلىم ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي دادىل زىممەمگە ئېلىپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدايمەن، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى قوغدايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم، ئاسايىشلىق بەختىيار تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى