تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مۇختەر ئەيسا

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايى مەقسىتى ۋەتەننى پارچىلاش. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. مەن باشلامچىلىق بىلەن بايرىقىم روشەن ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل غەرىزىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىدلەپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، زەھەرنى تازىلايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئېغىر يۈكىنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، قەتئىي مۈجمەل بولماي، قەتئىي قورقۇنچاقلىق قىلماي، قەتئىي مۇرەسسە قىلماي، قەتئىي يول قويماي، پولاتتەك ئىرادە ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغدايمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي يېتەكچى قىلىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىش داۋامىدا، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئۇنتۇماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، قەتئىي ئېتىقاد بىلەن بازىنى چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، دادىللىق بىلەن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن خاتا قاراشلارغا رەددىيە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن.

  باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان، نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان شىپالىق دورا، مەن بۇنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن ھەم زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن!

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارقاتقان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى زەھەرلىك ئۆسمە، زىيىنى ناھايىتى زور؛ سادىر قىلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، شۇڭا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەزمەن قاتتىق زەربە بېرىش، ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. مەن ئۇزاق مەزگىل جەنۇبىي شىنجاڭدا ياشىدىم ۋە خىزمەت قىلدىم، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە. مەن قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى بولغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر غايە – ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسىنى ۋە قانۇننى كۆزگە ئىلماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قاراقولى بولۇپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق قىلدى، ئۇلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يوقىتىلمايدىكەن، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، ئىنتايىن ۋاقتىدا بولغان ھەم ئىنتايىن زۆرۈر، ئۇنى تامامەن ھىمايە قىلىمەن، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باشتىن – ئاخىر بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، بۇرچنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن تەكشۈرۈپ تاپىمەن، بايقايمەن، يوقىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى