تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بانكىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئاتتى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولۇپ، ۋەزىيەت كونترول قىلىنىپ، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كاپالەت بىلەن تەمىنلىنىپ، مۇقىملىق پايدىسى ئېلىپ كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى چوڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. بېيجىڭ بانكىسى شىنجاڭغا كىرگەن رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىدىغان تۇنجى شەھەر سودا بانكىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. بۈگۈن، بېيجىڭ بانكىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىز بېيجىڭ بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى چوڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشنىڭ ياخشى مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بېيجىڭ بانكىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، قولاي، ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بېيجىڭ بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ دۇڭنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى غايەت زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بېيجىڭ بانكىسى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال سىڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن جاڭ دۇڭنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپكە ۋاكالىتەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى