تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يەنىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلايلى

 ــــ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇلاھىزە (3)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چى جۇڭشى، ۋاڭ مىن

   ئىسلاھات، تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىسلاھات، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، لېكىن بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشتا بىر ئاز بېسىم ھېس قىلىشىدىن ساقلانماق تەس.

  خەلق تۇرمۇشىدىكى ئېرىشىش بىلەن ئۆزگىرىشكە قانداق قاراش كېرەك؟ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، خەلق تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئارزۇغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟

  مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان ‹‹ئۆكتەبىر›› ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 700 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلغانلار تەخمىنەن 7 مىليون ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، ئىككىلىسىدىلا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  تۇرمۇشىمىز كىيىش، تويۇشتىن بارغانسېرى باياشاتلاشتى، ساياھەت ــــ ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. 2013 – يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئۇدا بەش يىل دۇنيا بويىچە 1 – چوڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلار مەنبەسى دۆلىتىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى.

  ۋاھالەنكى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاشقا يۈزلەنگەن ۋە ئىچكى – تاشقى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بەزىلەر خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى كېمىيىپ كېتەرمۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توختاپ قالارمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلدى.

  ‹‹ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي››. ئەمەلىيەتتە، بۇ يىلدىن بۇيان، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تېز قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى.

  سېلىنما ئاشتىكى، كېمەيمىدى ــــ

  بۇ يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق كونترول قىلىش ئاساسىدا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى قوللىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە مەخسۇس تۈردىكى نامراتلارنى يۆلەش چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.7 ئاشتى؛ مائارىپ چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى؛ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى.

  تۆۋەن چەك مۇستەھكەملەندى، پۇختىلاندى ــــ

  دۆلەت بايرىمى ئالدىدا، يەنچى ناھىيەسى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىپ، نىڭشيا شىخەيگۇ ۋىلايىتىدىكى توققۇز نامرات ناھىيە – رايون ئىچىدە تۇنجى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ‹‹قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغان›› ناھىيە – رايون بولۇپ قالدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. بىر نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نامرات ئاھالىدىن 68 مىليون 530 مىڭى ئازايدى، 100دىن ئارتۇق نامرات ناھىيە قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  كاپالەت تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى ــــ

  ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت... ھەممىسى پۇقرالارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەممىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى.

  يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش›› تەلىپىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش باش ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەر كەينى – كەينىدىن ئېلان قىلىندى؛

  7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەركەز تەڭشەش فوندى قۇرۇلۇپ، ئاز ساندىكى قىيىنچىلىقى بار ئۆلكىلەرنىڭ فوند كىرىم – چىقىم بېسىمى نۇقتىلىق يېنىكلىتىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛

  كۆپ تۈرلۈك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىغا مەبلەغ سېلىش كەسپىدىن ئېلىنىدىغان باج كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ تاشقى سېلىنمىسىدىن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك باج كىرىمىنى ئايدىڭلاشتۇردى...

  پايدا ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى ــــ

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئەمەلىي ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش سۈرئەتتە ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش ئىسلاھاتىمۇ پۇقرالارنىڭ ‹‹يۈكىنى يېنىكلەتتى››.

  5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، راكقا قارشى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 تۈرلۈك دورىنىڭ ئىمپورت بېجى نۆلگە تۆۋەنلىتىلىپ، راكقا قارشى نۇرغۇن دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىشنىڭ چېكى بىرتۇتاش 5000 يۈەن(ئاي)گە ئۆستۈرۈلدى، بۇ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ باج كېمەيتىش پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ، ئايلىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج يۈكى تەخمىنەن %49 تۆۋەنلەيدۇ.

  ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بازار سۇبيېكتلىرى باغلاقنى بوشىتىش، توسالغۇنى تۈگىتىش داۋامىدا ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، پۇقرالار مۇرەككەپ، چىگىش ئىللەتلەر تۈگىتىلگەندىن كېيىن قولايلىققا ئېرىشتى...

  تۇرمۇش بېسىمى ئالدىدا، خەلق تۇرمۇشى ئەندىشىسىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

  تۇرمۇش تەننەرخى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتەمدۇ؟ مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ – يوق؟ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولامدۇ – يوق...يۇقىرىقى ئەندىشىلەر ھەم خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرگىلى بولۇش – بولماسلىقنىڭ رېئال ئىپادىسى، ھەم مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي مۇھىت ئالدىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇش – تۇرالماسلىقتىن كۈتىدىغان ئۈمىد.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ماسلىشالمىغان بەزى ئىقتىسادىي كەسىپ ھالەتلىرى ۋە كارخانىلار تىپ ئۆزگەرتىش، ھەتتا شاللىنىشقا دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولۇپ، دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىشىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىغا ساقلانغىلى بولمايدىغان بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەقىقەتەن يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى.

  يىراقنى كۆرمىگەن غەم – ئەندىشىگە يېقىن.

  ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ‹‹باش قېتىنچىلىقى››غا توغرا قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات ئىرادىسىنى ساقلاش كېرەك

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىۋاتقان مۇھىت ئالدىدا، ئومۇملۇقنى تونۇپ، ۋەزىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن نىشاندىن ئادىشىپ قالمايمىز.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋەزىيەتنى توغرا ئانالىز قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەلگۈسى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ۋە يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويدى.

  ئەلئارا سېلىنما ۋە پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ تۈگىتىلىپ، بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىتىلدى... كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۈزلۈكسىز ئۈنۈم بەرمەكتە.

  ئىلگىرىلەش يولىدىكى توسالغۇلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرىدىغان ئەمەلىي كۈچنى كۆرۈش كېرەك ــــ

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا GDP  ى %6.8 ئېشىپ، ئۇدا 12 پەسىل ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەت ئارىلىقىدا مۇقىم ئايلاندى؛ 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىليون كىشىدىن ئېشىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئەتراپىدا مۇقىملاشتى؛ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى 100 مىليوندىن ئېشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى %70 ئەتراپىدا بولدى.

  ‹‹ھازىر ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي ھالىتى ئۆزگەرمەي، تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى ياخشى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.›› جۇڭيۈەن بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ جۈن مۇنداق قارىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان توپلانغان ‹‹ئاساس›› ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ئەمەلىي كۈچ جۇغلىدى.

  خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۆرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئېنىق تونۇش كېرەك ــــ

  خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، پۇقرالار تېخىمۇ ساپ ھاۋا، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتنى ئارزۇ قىلماقتا، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا موھتاج، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا موھتاج.

  كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىدىيەسىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جەمئىيەت ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تېخىمۇ زۆرۈر.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن ۋېيلياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ئامېرىكا ئىقتىساد – سودا سۈركىلىشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو ئىستېمالنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈك، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈك، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلايدۇ.

  خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسى ئالدىدا، خەلق تۇرمۇشىنى قانداق سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك؟

  خەلق تۇرمۇشى يېڭى ئارزۇ، تەرەققىيات يېڭى نىشان، ئىسلاھات يېڭى يۆنىلىش.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى بىلىپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قىلىش، خەلق رازى بولىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

  مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  8 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 39 ھەيدەكچىلىك قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلاردا نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلدى، تەكشۈردى.

  پويىز ئىستانسىسىدا تاكسى توسۇش تەس بولۇش سەل پەسەيگەندەك بولدىمۇ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى قانداق، تاشيولدا قالايمىقان ھەق ئېلىش چەكلەندىمۇ... ھەيدەكچىلىك قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۆزلىگىنى ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىلار ئىدى.

    ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قىلىشتا، ئالاقىدار تارماقلار ئارقا – ئارقىدىن ھەقىقىي تەدبىرلەرنى چىقىرىپ ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرماقتا.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ‹‹ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى››نى تارقىتىپ، 2020 – يىلىغىچە 1 مىليون نامرات ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 3 مىليون نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى.

   دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى ‹‹دۆلەتنىڭ ساغلاملىق، داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۆلچىمى، بىخەتەرلىك ۋە مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى ئېلان قىلىپ، ساغلاملىق، داۋالاش چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولمىسا، خەلق تۇرمۇشى مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ.

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇ يىلدىن بۇيان، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە داۋاملىق كۈچەش... بىرقاتار ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرى ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىنىشى، ‹‹تورت››نى داۋاملىق چوڭ ياساشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، يەنە يېزىلاردىكى 30 مىليون ئەتراپىدىكى نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا موھتاج، مەركەز مالىيەسى يېڭىدىن 214 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللايدۇ.

  ‹‹نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش كېرەك، بۇ ئەسلىي مەقسەت جېڭى.›› سەنشى ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ جىجيې مۇنداق دېدى: بۇ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتۇر، شەھەر – يېزا تەرەققىياتى، رايون تەرەققىياتىدىكى پەرقنى تولۇقلاپ، تېخىمۇ مۇھىمى كېيىن بېيىغانلار بىلەن ئالدىن بېيىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تولۇقلاپ، شۇ ئارقىلىق خەلقنى يېتەكلەپ ئورتاق بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بۇ، پارتىيە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتۇر.

    كۈز پەسلىدە كەڭ زېمىن مول ھوسۇل تۈسىگە كىردى.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى چېكى يوق، پەقەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتسەك، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىمتىھان سوئالىغا جەزمەن بارغانسېرى قالتىس جاۋاب بېرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى