سۇيۇق ھالەتتىكى يۇيۇنۇش ۋە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، بەزىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. تۆۋەندە بۇ خىل ئەھۋالدىن قانداق ساقلىنىشنىڭ ئەپچىل چارىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بوتۇلكا ئېغىزىنى ئېچىپ بىر قەۋەت يېڭى ساقلاش پەردىسى (保鲜膜) بىلەن بوتۇلكىنى ئورىۋەتكەندىن كېيىن، بوتۇلكا ئېغىزىنى ئېتىمىز. (سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ)
بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا سۇيۇقلۇقنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ!
خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى