10-ئاينىڭ 9-كۈنى، خاڭجوۋنىڭ شىخۇ كۆلىدىكى نېلۇپەر گۈللىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما شىخۇ كۆلىنىڭ بىر قانچە نېلۇپەر گۈلى رايونىدا نېلۇپەر گۈللىرى يەنىلا گۈزەللىكىنى يوقاتمىغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخۇ كۆلى سۇ رايونىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى شىخۇ كۆلىدىكى نېلۇپەر گۈللىرىنىڭ سورتلىرىنى كۆپەيتىپلا قالماي، پەن-تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قىسمەن نېلۇپەر گۈللىرىنىڭ ئېچىلىش مەزگىلىنى كېچىكتۈرۈپ، شىخۇ كۆلىنىڭ يازدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى ئالتۇن كۈز پەسلىگىچە داۋاملاشتۇردى.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى (لىن يۈنلۇڭ فوتوسى)