ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفېڭ خەۋىرى). ھازىر دەل كەتىرا، قالقانگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىش مەزگىلى، نۆۋەتتە گۇچۇڭ ناھىيەسى بۇ يىل 10 مىڭ مو يەرگە ئۆستۈرگەن جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ مايسىلىرى چېچەكلەپ، يىلتىزى تولۇپ، يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى.
گۇچۇڭ ناھىيەسى بۇ يىل ھۆكۈمەت يار-يۆلەك بولۇش، كوپىراتىپ قاتنىشىش، دېھقانلار ئۈلگە كۆرسىتىپ تېرىش، يەر ئوبوروتىنى ئاساس قىلىش ۋە «كوپىراتىپ + شىركەت + بازا + دېھقانلار» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا ئاساسەن نۇقتىلىق ھالدا بىليۇخې بازىرى ۋە كونا گۇچۇڭ بازىرىدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى قۇردى. بۇ بازىدا ئاساسلىقى ئوسما يىلتىزى، كەتىرا، قالغانگۈل، گۈلسامساق قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىلدى.. ئىككى يىلدىن كۆپرەك دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، يىللىق مو بېشى ساپ كىرىمى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.