تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

  شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك

سىچۈەن – شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش كېرەك

  لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىچۈەن – شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىلمىي بولغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ سىچۈەن – شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ چوڭ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ياخشى قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو تۆ