تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

بۇغداي باشاقلىرى دولقۇنــلىغان ئېتىزدىكى مول ھوسۇل جىلۋىسى

   ئالتۇن كۈز ئايلىرى، باشاقلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان كۆز يەتكۈسىز بۇغدايلىقتا كومبايىنلار گۈركىرەپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى جىلۋە قىلدى. نۆۋەتتىكى بۇ مەزگىل موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنى چىڭ تۇتۇپ بۇغدايلىرىنى يىغىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولىدىغان پەسلى. ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ يازغى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونى بولۇپ، ھەر يىلى 600 مىڭ مو كۆلەمدە بۇغداي تېرىلىدۇ. بۇ يىل يازدا ھۆل-يېغىن يېتەرلىك بولغاچقا 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇغدايلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، بۇ خىلۋەت دىيار ئورما پەسلىگە كىردى. نۆۋەتتە، 600 نەچچە چوڭ تىپتىكى بۇغداي ئورۇش ماشىنىسى ۋە 1600دىن ئارتۇق بۇغداي پاخىلىنى ئورۇش، باغلاش ماشىنىسى كەڭ كەتكەن ئېتىزلاردا جىددىي «ئىشلەيدۇ.»

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى