تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن پىيادىلەرنى سۈرەتكە تارتىش سىستېمىسى ‏رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  مۇخبىرىمىز فەن گوبىن خەۋىرى. مۇخبىرىمىزنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن پىيادىلەرنى سۈرەتكە تارتىش سىستېمىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سىستېما قىزىل چىراغنى بۆسۈپ يولدىن ئۆتكەن پىيادىلەرنى ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىپ ئاشكارىلايدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ ساقچىسى تيەن دېپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي ئىككى جايغا قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن پىيادىلەرنى سۈرەتكە تارتىش سىستېمىسى ئورنىتىلدى. بىرى، تېڭفېي يول ئېغىزىغا، يەنە بىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى بىلەن قۇرۇلۇش يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سۈرەتكە تارتىش سىستېمىسى قىزىل چىراغ يانغاندا يولدىن ئۆتكەن پىيادىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، ئېكراندا كۆرسىتىدۇ، بۇ ئارقىلىق پىيادىلەرنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشىنى چەكلەيدۇ.

  تيەن دېپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ سىستېما سۈرەتكە چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىمايدۇ، پەقەت چىرايىنى ئاشكارىلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى