تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئورۇنلىرى ئىسسىقلىق تەمىنلەشنى باشلىدى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل قىشلىق ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئىسسىقلىق تەمىنلەشنىڭ تۇنجى كۈنى، ئالدىن ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆلەملىك چوڭ تىپتىكى مەركەزلىك ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئورۇنلىرى ئىسسىقلىق تەمىنلەشنى باشلاپ بولدى، ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىسەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 10 ئىسسىقلىق تەمىنلەش كارخانىسىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتىن باشلاپ پار قازانلىرىغا ئوت يېقىش تاماملانغان، كېيىنكى قەدەمدە ئەمەلىي ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىسسىقلىق تەمىنلەش پارامېتىرى ۋاقتىدا تەڭشىلىپ، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى