تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىمەن

  جۇڭگو تېلېگراف پاي چەكلىك شىركىتى كېرىيە ناھىيەلىك تېلېگراف شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئوبۇلقاسىم ئابدىلىم

  مەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ يۇرتىدا تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن تارتىپ قۇربان تاغامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. نەچچە ئون يىللىق ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىم مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز مىننەتدارلىق مۇساپىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلىشى بولمىسا، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىم بولمايتتى. پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، مەن تەدرىجىي ھالدا دۆلەت كارخانىسىنىڭ باشقۇرۇش ئورنىغا چىقتىم. خىزمەت قىلغان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، مەن مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن.

   ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭدا مالىمانچىلىق بولماسلىقتىن قورقۇپ، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار ‹‹مىللەت››نى دەستەك قىلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  بىز قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، دۈشمەن كۈچلەرگە قىلچە پۇرسەت بەرمەيمەن.

  مەن ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۈچ قوشىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلاپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىسى بولىمەن، ھەر مىللەت ئاممىغا زور كۈچ بىلەن ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن، ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ھەربىر سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەرمىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىمەن. مەن كەڭ ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداشقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى