تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسىلىنى تۇتۇپ تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە 3 –تۈركۈمدە بىرلەشمە نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش، كۆزىتىش – تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە 3 – تۈركۈمدە بىرلەشمە نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش، كۆزىتىش – تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، مەسىلىنى تۇتۇپ قويۇۋەتمەي، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈزىتىشنى تۈرمۇتۈر ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئەمەلىي نەتىجىسى بىلەن پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆگىنىشنى تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ‹‹كىمنى يۆلەش››، ‹‹كىم يۆلەش››، ‹‹قانداق يۆلەش››، ‹‹قانداق چېكىندۈرۈش›› مەسىلىسىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى زېرەك ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەربىيەلەشنى تۇتۇپ، يىغىننى تەربىيەلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە سىياسەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلىنى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ، بىرمۇبىر رەتلەپ، بىرمۇبىر ئالغا سىلجىتىپ، بىرمۇبىر تۈگىتىش كېرەك. تۈزىتىشنى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىش قىلىشنى بىلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئاممىدىن ئىبارەت بۇ سۇبيېكتنى ياخشى تۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئورتاقلىق مەسىلىسى بىلەن خاسلىق مەسىلىسى، يۈزەكى مەسىلە بىلەن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ ھەل قىلىپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، كادىرلاردىكى قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش، سۆرەلمىلىك قىلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك، مەسئۇلىيەتنى تۇتۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقىنىڭ ‹‹قوش گۇرۇپپا باشلىقى››لىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ‹‹قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى›› ۋە ‹‹ھۈنەرۋەن›› بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش›› تەلىپى بويىچە، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش، تۈر يىرىك پىلانغا ئەگىشىپ مېڭىش، يىرىك پىلان ئېھتىياجغا ئەگىشىپ مېڭىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر نامرات ئائىلىنى تۈرلەردىن مەنپەئەتلەنگۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىشنى تۇتۇپ، تۈر مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تولۇق قاپلاش، كۆزىتىش – تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش تولۇق قاپلاش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان، خىزمەت تەدبىرى دەل جايىدا بولمىغان، خىزمەت ئىستىلى پۇختا بولمىغان كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، قائىدىنى بىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. تىپلارنى تۇتۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلارنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى