تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى

  ــــ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇلاھىزە (2)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى زوۋ ۋېي، ئەن بېي، خۇ خاۋ

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشتىن – ئاخىر كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

  ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتىنى ئالماشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن پەيتتە، ئىسلاھاتنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي ئىلگىرىلەش قەدىمى تېخىمۇ قەتئىي بولدى.

  ‹‹ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، ئىرادىنى ساقلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش››. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا شۇنداق تەكىتلىدى.توختاپ قېلىشنىڭ ۋە ئارقىغا چېكىنىشنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ، ئىسلاھاتنى جەزمەن ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ، ھەل قىلغۇچ تەدبىر، شۇنداقلا مۇقەررەر يول.

  ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرغاندىلا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ

  بۇ يىلدىن بۇيان، بىرقانچە ‹‹چوڭ – چوڭ ئىش›› دەپ قارالغان ئىسلاھاتلارنىڭ تېمىسى يېشىلدى ـــــ

  9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تەقەززاسىدا تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹ئۈچ بەلگىلىمە›› لايىھەسى ئېلان قىلىندى. سەككىز تارماقنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەسى بىرىكتۈرۈلۈپ، ‹‹ھەممىسى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش››قا خاتىمە بېرىلدى، جۇڭگونىڭ بايلىق ئاساسىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ لايىھەنىڭ قوشۇنى زورايدى.

  قىسقىغىنا نەچچە ئايدا، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ياكى قايتىدىن تەشكىللەنگەن ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش، تەۋەلىك ئۆزگەرتىش، ‹‹ئۈچ بەلگىلىمە›› لايىھەسىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرى تېز قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ كەسكىن رىتىمى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، بىرقانچە قاتتىق سۆڭەك غاجايدىغان، خەتەردىن كېزىپ ئۆتىدىغان ئىسلاھاتلاردا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى ــــ

  5 – ئايدا، ‹‹دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاشنى بېكىتىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر›› ئېلان قىلىنىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاشنى بېكىتىش مېخانىزمىنىڭ بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، تەقسىمات تەرتىپى يېتەرلىك قېلىپلاشماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، بىرقانچە ئاممىغا ۋە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئالاقىدار ئىسلاھاتلاردا ئۈزلۈكسىز پايدا قويۇپ بېرىلدى ـــــ

  گۇاڭدۇڭدا، يېقىندا تورغا چىقىرىلغان ‹‹گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىشى›› دېگەن كىچىك پىروگراممىدا ھەيدەش كىنىشكىسى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، باجلىتىش ئىسپاتى قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 12 كىنىشكىنى بېجىرىش يولغا قويۇلۇپ، 266 تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشى ۋە خەلققە قولاي مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 156 تۈرلۈك ئىشتا ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش››، 110 تۈرلۈك ئىشتا ‹‹بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق›› ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    داۋالاش ئىسلاھاتىدا دىققەت ۋاكسىنا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، مائارىپ ئىسلاھاتى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە كېڭەيتىلدى... بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى ئىسلاھاتى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.

  كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىدە ‹‹كىنىشكىدىن كېيىن گۇۋاھنامىنى ئازايتىش›› ئالغا سىلجىتىلىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەت تەدبىرلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى... بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىنى بويلاپ داۋاملىق كۈچىدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، گەرچە سودا قورۇقچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بەزى ئىسلاھاتلار يەنىلا بېسىم ئاستىدا قەتئىي ئىلگىرىلىدى ــــ

  6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، 2018 – يىلى نۇسخىسىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ بانكا، ئاكسىيە، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، تۆمۈريول غول لىنىيەسى يول تورى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا كىرىشىدىكى بىر قاتار چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق ئالدىدا، جۇڭگو دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى يەنىلا ئۆز قەرەلىدە نەقلەشتۈردى.

  تېسلانىڭ ئامېرىكىدىن باشقا جايدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتى شاڭخەي لىنگاڭغا ماكانلاشتى، باۋما مەبلەغ كۆپەيتىپ توكلۇق ئاپتوموبىلنى يەر شارى بويىچە ئېكسپورت قىلىش بازىسى قۇردى، چياۋشۈي قاتارلىق داڭلىق قوش فوند جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېزلەتتى... خەلقئارا كاپىتال ھەرىكىتى ئارقىلىق ‹‹بېلەت تاشلاپ››، بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دەرۋازىسىدىن كىردى.

  ‹‹سۈرئەت زور دەرىجىدە تېزلەشتى›› ــــ جۇڭگو – ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى خې موچى جۇڭگونىڭ ئۆتكەن بىر يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات مۇساپىسىگە مۇنداق باھا بەردى: بۇ مۇھىت ئاسراش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، ئىستېمال بۇيۇملىرى تاموژنا بېجىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، يەرلىكنىڭ تىجارەت – سودا مۇھىتى ۋە چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە گەۋدىلەندى.

  ھازىرغا نەزەر سالغاندا، چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەن ئىسلاھاتنىڭ ئالدىغا قاراپ تاشلىغان ھەربىر قەدىمى خىرىس، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يەنىمۇ كۈچەشكە، يەنىمۇ نۇرغۇن ئۆتكەلگە چوڭقۇرلاپ ھۇجۇم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ــــ

  ئىسلاھات كېمىسى ئوتتۇرا ئېقىمغا كەلگەندىكى ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىدا، ھوقۇقنى بېرىش ئاساسىدا كېيىنكى قەدەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹بەرسىلا قالايمىقانلىشىش، قالايمىقانلاشسىلا يىغىۋېلىش، يىغىۋالسىلا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش››تەك غەلىتە دەۋرىيلىكتىن قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بولىدۇ؟

  كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ياشانغانلار كۆپىيىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، غايەت زور ياشانغانلار توپى بىلەن ئەمگەك يېشىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشىنى ھەل قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشى بولۇش، ياشانغانلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغانلارنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغىنى بولۇش، ياشانغانلارنىڭ ئەمىن جايى بولۇشىنى قانداق قىلغاندا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

    ‹‹قالالمايدىغان شەھەر›› ۋە ‹‹قايتالمايدىغان يېزا – كەنت››كە يۈزلەنگىنىمىزدە، شەھەر – يېزا تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان يۈز مىليونلىغان يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ ‹‹خاتىرجەم ياشايدىغان يۇرت››قا ئېرىشىش ئارزۇسىنى قانداق قىلغاندا رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

  ...

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە، ئىسلاھاتنى ئاستىلىتىش ئەمەس، جەزمەن تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئازراقلا ئىسلاھ قىلىش ئەمەس، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ مەۋھۇم ئىسلاھ قىلىش ئەمەس، جەزمەن ئىسلاھاتتىكى قاتتىق سۆڭەكنى غاجاش كېرەك؛ ساختا ئىسلاھ قىلىش ئەمەس، جەزمەن ئەمەلىي، كۈچلۈك بولۇش كېرەك.

  ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرغاندىلا ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ

  10 مىليونغا يېقىن كىشى ــــ بۇ، ئالدىنقى سەككىز ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شەھەر – بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى، پۈتۈن يىلدا 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە يەنە بىر ئۈلۈش قالدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر – بازارلارنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئەتراپىدا بولدى.

  جۇڭگو – ئامېرىكا ئىقتىساد – سودا سۈركىلىشى كۈچەيگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەممىدىن بۇرۇن تەسىرگە ئۇچرايدىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، نېمە ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولدى؟

  چۇڭچىڭ، ‹‹جۇباجيې تورى›› دەپ ئاتىلىدىغان ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا بويىچە 7 مىليون كارخانا خېرىدارى ۋە 13 مىليوندىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى جەم قىلىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تور ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، 150 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنى يېتىشتۈردى.

  جۇباجيې تورىنى قۇرغۇچى، CEO جۇ مىڭيۆ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قىممەتلىك پۇرسىتىنى تۇتۇپ، نەچچە مىليون كارخانا ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىقتىساد سۇپىسى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى تاپتى، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق ياراتقۇچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

    2 مىليون كىشىدىن ئاشىدىغان تېز يەتكۈزۈش ‹‹چوڭ قوشۇنى››، 20 مىليون كىشىدىن ئاشىدىغان ئۈندىدار سودىگىرى كەسىپكارلار قوشۇنى... جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ھاياتىي كۈچى ۋە كۆپ خىللىقى جانلىق نامايان بولماقتا.

  مېخانىزمى جانلىق، بازارغا يېقىنلاشقان 27 مىليوندىن ئارتۇق پۇقراۋى كارخانا، 65 مىليوندىن ئارتۇق يەككە سودا – سانائەتچى ‹‹ئالاقە تورى+››، بەھرىمەن ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىقلار ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماي يەنە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا غايەت زور تۆھپە قوشتى.

  بۇ، بىر گۇرۇپپا قايىل قىلارلىق سانلىق مەلۇمات ــــ

  ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگودا بازار سۇبيېكتىنىڭ سانى %80كە يېقىن كۆپىيىپ، ‹‹يۈز مىليونلۇق دەۋر››گە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە، خۇسۇسىي كارخانا سانىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %146كە يېتىپ، رويخەتتىكى كاپىتالى بەش ھەسسىگە يېقىن ئاشتى؛

  ئەلئارا سېلىنمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا بەش يىل %60تىن ئاشتى، پۇقراۋى ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ %80ىنى ھەل قىلدى، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئېشىپ، ‹‹يېرىم دۇنيا››نى ئىگىلىدى؛

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، پۇقراۋى كارخانىلار دۆلىتىمىزنىڭ %65 پاتېنتىنى، %75تىن ئارتۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى، %80تىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلات ئېچىشنى تاماملىدى؛

  كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىچىلار خەلقئارا سەھنىگە چىقىپ، جۇڭگونىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نام كارتىسىغا ئايلاندى...

  ئەمەلىي كۆزىتىشتىن قارىغاندا، پۇقراۋى ئىگىلىك ئاجىزلاشمايلا قالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ جانلانغان؛ كەلگۈسىدىن قارىغاندا، پۇقراۋى ئىگىلىك دۇچ كېلىدىغان مەسىلە ‹‹مەيداندىن چىقىپ كېتىش – كەتمەسلىك›› بولماي، بەلكى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ساغلام راۋاجلىنىشتۇر.

  شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، نۆۋەتتە پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتتا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى ــــ

  ئىچكى – تاشقى مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولدى، كەسىپنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەر – ئەمگەكچى تەننەرخى ئۆرلىدى، مۇھىت تەلىپى ئۆستى، قەرز بېسىمى ئاشتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى ئاجىزلاشتى... قىسمەن كارخانىلار تىجارەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بەزى كارخانىلار ھايات – ماماتلىق سىناققا دۇچ كەلدى.

  ئىسلاھات جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئىسلاھاتقا تايىنىپ ھەل قىلىش كېرەك.

  يېقىنقى مەزگىلدە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقا – ئارقىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۇرغۇن سورۇندا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئېنىق ۋە كۈچلۈك بولدى ــــ

  ‹‹<ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەي> چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىل مۇھىت ۋە سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام بېرىش، مەدەتكار بولۇش ۋە يول كۆرسىتىش كېرەك.››

  جۈملىدىن ئەلئارا كاپىتال، تاشقى مەبلەغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتالنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللەشكە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە كىرىش بوسۇغىسى تۆۋەنلىتىلدى... ئىسلاھات يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بەزى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە.

  جېجياڭ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئەلئارا كاپىتال پېيىنى كونترول قىلغان خاڭجوۋ – شاۋشىن – تەيجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى لىنىيەسىگە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رەسمىي تەستىق سېلىندى؛

  داليەن، پۇقراۋى كارخانىلاردىن شاگاڭ گۇرۇھى باشچىلىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلار شەرقىي شىمال ئالاھىدە پولات گۇرۇھىغا كىرگەندىن كېيىن، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق بۇ يىل بىر يولىلا زىياننى پايدىغا ئايلاندۇردى؛

  تېڭشۈن، بەيدۇ، ئالى بابا، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئەلئارا كاپىتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ساپ پايدىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ %144.9كە يەتتى...

  جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ سابىق باش مۇدىرى فۇ چېڭيۈ مۇنداق قارىدى: باشقا كاپىتالنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىچكى مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇرلاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي قوزغاتقىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھاتتا ‹‹زور تەدبىر›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىياسەتتە ‹‹ئەمەلىي تەدبىر›› قوللىنىلدى ــــ

  بۇ يىلدىن بۇيان، جاڭ ۋېنجۇڭ دېلوسى قاتارلىق مۇھىم، زور مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق دېلولاردا قانۇن بويىچە ھۆكۈم ئۆزگەرتىلىپ، ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ كەمسىتىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە تۈزگەن نۇرغۇن خۇسۇسىي كارخانىنىڭ ۋاقتىلىق نىزامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ؛ پۈتۈن بىر يىللىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ...

  ئاكتىپ ئامىللار جۇغلانماقتا. ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل – پەل ئاستىلىغان ۋەزىيەتتە، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلى، ئالدىنقى يېرىم يىل ۋە ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئومۇمىي سېلىنمىدىن 1.4، 2.4 ۋە 3.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغاندىلا، غايەت زور كۈچ ھاسىل بولىدۇ.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىسلاھات زور دولقۇنىغا بىرلىكتە ئاتلىنىش جەريانىدا، پۇقراۋى ئىگىلىك ‹‹مەيداندىن چىقىپ كەتمەيدۇ››. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى، مەدەت بېرىشى ۋە يېتەكلىشىدە، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكتە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، كۈنسايىن يۇغۇرۇلغان چوڭ ۋەزىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ‹‹ئاۋانگارتلار›› چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ.

  ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرغاندىلا خەلققە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ

  مەنپەئەتتىكى ئېلىشىش ئىسلاھات باشتىن – ئاخىر ئەگىپ ئۆتەلمەيدىغان دوقال.

  2017 – يىلى، دوختۇرخانا بىلەن تېببىي دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى بېيجىڭدا ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى. ئەينى چاغدا ‹‹دوختۇرخانىلار ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ››، ‹‹كېسەل كۆرۈشتە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ باھانى ئۆستۈرىدۇ›› دېگەنگە ئوخشاش قارشى سادالار ئۈزۈلمىگەنىدى.

  بىر يىلدىن كېيىن، بۇ ئەندىشىلەر يوققا چىقتى. پۈتۈن شەھەر بويىچە 6 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك تېببىي دورا ھەققى تېجىلىپ، شەخسىيلەرنىڭ تېببىي دورا يۈكى يېنىكلەپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرىم ئومۇمىي مىقدارى ئاساسەن مۇقىم بولدى.

  شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك نەپ ئالغان ‹‹پارېتو ياخشىلاش›› تەلىماتىغا سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى ئىسلاھات تېخىمۇ كۆپ توسالغۇغا دۇچ كەلدى: ئۈنۈمگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئادىللىقنىمۇ قوغداش؛ رىقابەتلىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ھەم تۆۋەن چەككىمۇ كاپالەتلىك قىلىش؛ پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش ھەم ئورتاق تونۇشنىمۇ مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلىلەر يەنىلا ئىنتايىن كۆپ ــــ

  ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يەرنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىغىلى بولامدۇ، دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخسنىڭ مەنپەئىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟

  توك، گاز قاتارلىقلارنىڭ باھا ئىسلاھاتىدا، ھەم كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش كاپالىتىگە ھەقىقىي كېپىللىك قىلىشقا، ھەم ئاھالىنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە بولامدۇ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ياخشىلايدىغان ئاممىۋى سىياسەت نىشانىغا يەتكىلى بولامدۇ؟

  ...

  قىيىن مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ، بىراق ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوقمۇ ئەمەس. ئىسلاھاتتا مۇقەررەر كەسكىن ئېلىشىشتىن تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشى دۆلەت ئىلكىدىكى مىڭغا يېقىن مەنزىرە رايونىنىڭ ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەنلىكى ياكى بېلەت باھاسىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندى. بۇ دەل ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان لايىھە: بۇنىڭدا ئىشىك بېلىتى باھاسى ئارقىلىق ھەم ئاممىۋى مەنزىرە رايونىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرىگە ئېتىبار بەرگىلى، ھەم ئۇنىڭ مۇۋاپىق ھالدا دەسمايىسىنى ساقلاپ پايدا ئېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    ئېلىشىش بىرىنى تۆۋەنلىتىش، بىرىنى ئۆرلىتىش دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭدا ئوخشاشلا ئورتاق پايدا ئالغىلى بولىدۇ.

  خاڭجوۋ فۇياڭ رايونى ‹‹فۇچۈنشەن تېغى سىياھ رەسىمى›› ئىجاد قىلىنغان جاي. ۋاھالەنكى، مىڭ يىللىق قەغەز ياساش تارىخىغا ئىگە فۇياڭ بىر مەھەل گۈزەللىك بىلەن تەرەققىياتقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش قىيىن بولغان مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن.

  فۇياڭ قەغەزچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي تۈرتكە بولدى، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، ئىلغار ياسىمىچلىق، بىيو دورىگەرلىكى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق يېڭى ئىقتىساد، يېڭى كەسىپلەرنى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ‹‹قاقاس تاغ، پاسكىنا سۇ››نى قەدەممۇ قەدەم ‹‹يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ›› ھالىتىگە قايتۇرۇپ، ئاندىن ‹‹بايلىق››قا ئايلاندۇردى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى دەل رايون، توپلارنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى قەدەممۇ قەدەم ماسلاشتۇرۇش داۋامىدا رېئاللىققا ئايلانغان.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە، بىر قىسىم كىشىلەر، بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئالدىن بېيىشىدىن ئىبارەت باسقۇچلۇق تەرەققىيات سىياسىتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى ــــ

  40 يىلدىن بۇيان، 700 مىليوندىن كۆپرەك كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ 2017 – يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 25 مىڭ 974 يۈەنگە يېتىپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 1978 – يىلىدىكىدىن 22.8 ھەسسە ئەمەلىي ئاشتى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ، ‹‹ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈش›› دېگەن ۋەدە تېخىمۇ ياڭراق ساداغا ئايلاندى.

  نامراتلارنى يۆلەش ئاساسى پۇختىلاندى، ئىسلاھات ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈردى.

  يېزا – كەنت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈك، يېزا – كەنتلەردىكى كۆلىمى كىچىك مەكتەپلەر بىلەن يېزا – بازارلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا، دەپ قارالدى.

  مەكتەپ شارائىتى ناچار، ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولغاچقا، خېنەن شىنئەندىكى تيېمېن بازىرى چېنسۈن كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ لاۋجۈندۇڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسى بىر مەھەل قوشۇۋېتىلىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پايدىسى بىلەن بۇ جاي ھازىر شىنئەن ناھىيەسىدىكى ‹‹ئەڭ گۈزەل يېزا – كەنت مەكتىپى››گە ئايلاندى.

  ئارتۇقى قىسقارتىلىپ، كەمتۈكلۈك تولۇقلاندى، ئىسلاھات تەقسىماتنى تەڭشەش ئارقىلىق ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈردى.

  2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى 1 – تۈركۈمدىكى باج كېمەيتىش ‹‹قىزىل بولىقى››نى ئېلىپ كەلدى: باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتىدىن ‹‹باج ئېلىش نۇقتىسى›› 5000 يۈەنگە تەڭشەلدى ھەم يېڭى باج نىسبىتى جەدۋىلى تەتبىقلىنىدىغان بولدى.

  ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، ئوتتۇراھالدىن تۆۋەن كىرىملىكلەر ئەڭ زور نەپكە ئېرىشكۈچى توپقا ئايلاندى.

  ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىسلاھات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۇ چاڭجياڭنىڭ باش ئېقىنىدا ياشايدۇ، مەن چاڭجياڭنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ياشايمەن. سۇنى توسۇپ توسما سېلىش، دەريانى بوغۇپ ئېقىننى ئۈزۈپ سۇ ھوقۇقىنى تالىشىش، يۇقىرى ئېقىندىكىلەر بۇلغاش، تۆۋەن ئېقىندىكىلەر جاپا تارتىشتەك ئېكولوگىيەلىك پاجىئە كىشىنى چۆچۈتكەنىدى.

  چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىش جەريانىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى كۆپچىلىكنىڭ بىر دەريا سۈيىنى تەڭ ئېچىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي فاڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنىڭ ئەھمىيىتى ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئۇسۇلنى تاللاپ، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىدا ئىپادىلىنىدۇ.

  مۇبادا ئىسلاھات جەريانىنى مەنپەئەتنىڭ تەڭشىلىشى دېسەك، ئۇنداقتا ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتۇر. نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەل سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى 2012 – يىلىدىكى 2.88:1دىن 2017 – يىلىدىكى 2.71:1گە تۆۋەنلىدى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېنگېل كوئېففىتسېنتى 2012 – يىلىدىكى %37.5تىن 2017 – يىلىدىكى %31.2كە تۆۋەنلىدى. يانداش ئىسلاھات داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تورى زىچ، پۇختا توقۇلدى، مىليونلىغان خەلق ھەم ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي كۈچى، ھەم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئەڭ زور نەپ ئالغۇچىلاردۇر.ئىسلاھات داۋاملاشماقتا.

  ‹‹خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەنگەن – بەھرىلىنەلمىگەنلىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان – بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.››

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى: پۈتكۈل خەلقنىڭ تەرەققىياتنى ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى