تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى

  باش نىشان ئارقىلىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ،باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 4 – پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى قايتا سەپەرۋەر قىلىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا بۇ يىل 1 – ئايدىن 9 – ئايغىچە بولغان ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يۇقىرى سۈپەتكە قاراپ ئىلگىرىلىدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى سىجىل ئاشتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولۇشقا، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالدىنقى شەرت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، مۇقىملىق پايدىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ھەرقانداق ۋاقىتتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، قەتئىي، كۈچلۈك ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت( كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئىككى بەنزە›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىقتىساد خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت››نى تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تېپىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىششنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، سانائەت ئىقتىسادى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، مالىيە – پۇل مۇئامىلە، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق تارماق ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي، كەسكىن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقتا، تەرەققىياتتا قوش ھوسۇلنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى