تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 – يىغىنىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 24 – قېتىملىق مەملىكەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، 2018 – يىللىق ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 17 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە يەرلىك نىزام چىقىرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە يەرلىك قائىدە – نىزامنى مەخسۇس ئېنىقلاش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى، بولۇپمۇ يەرلىك نىزام چىقىرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىشى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلىنىشىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ئىشلاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا زىچ باغلاپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن نىزام چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش – قالدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك زىممىگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساس سېلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمى، ئاساسىي مېلودىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى خىزمەتتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يۈكسەكلىكتىن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يۈكسەكلىكتىن، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى تۈپ سىياسىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك يۈكسەكلىكتىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، زور ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن پائال تىرىشىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى