تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئىراقنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى بەرھەم سالىھقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى بەرھەم سالىھقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراق ئەنئەنىۋى ياخشى دوست، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، ئىراقنىڭ سىياسىي جەھەتتە يارىشىش ۋە ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىپ، داۋاملىق تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. مەن جۇڭگو – ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئىراق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو – ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.