تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنزو بىلەن سۆھبەتلەشتى

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پائال، تېز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر سۈن يى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خەلق سارىيىدا ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنزو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ لورېنزونىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئېلىپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر ئايدىن كېيىن لورېنزو بىلەن قايتا كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى جۇڭگو – ئافرىقا، جۇڭگو – ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو – ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ پائال، تېز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو – ئانگولا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچى بار.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تارىختىكى قىسمەتلىرىگە نىسبەتەن ئوخشاش ھېسسىياتتا، ئافرىقا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ تاشقى مۇداخىلىگە قارشى تۇرۇپ، تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››كە ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىمىزنى ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى يارىتىپ، ئانگولا تەرەپنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خادىملار ۋە يەرلىك ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئانگولانىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لورېنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئانگولا بىلەن جۇڭگو يۇقىرى قاتلامنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئانگولا – جۇڭگو ھەمكارلىقى ئانگولانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا پائال رول ئوينىدى. ئانگولا تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئانگولانىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو بىلەن پۈتكۈل ئافرىقا ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللانغانلىقى ھەم ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويمىغانلىقى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلىدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق پىلانى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانگولا – جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئافرىقا – جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئانگولا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. ئانگولا كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللايدۇ، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قارار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا لورېنزو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، خې ۋېي قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.