چىش چوتكىسىغا ئېغىزىمىزدىكى تاماق، سەي-كۆكتات قالدۇقلىرى قاتارلىقلار ئاسانلا چاپلىشىپ قالىدۇ، ھاجەتخانىنىڭ نەم مۇھىتىغا قوشۇلۇپ، مىكروب تېخىمۇ ئاسان كۆپىيىدۇ، بۇ مىكروبلار ئادەم بەدىنىگە كىرسە، ئېغىز بوشلۇقى، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چىش چوتكىسىنى ئىشكاپقا تىقىپ قويماسلىق، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چىش چوتكىسىنى كۈچەپ سىلكىۋېتىپ، شامال ئۆتۈشىدىغان يەرگە قويۇپ، چىش چوتكىسىدىكى سۇنى قۇرۇتۇش كېرەك. ھاجەتخانىنى پاكىز، قۇرغاق ساقلاش كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى چارىدۇر. چىش چوتكىسىنى قۇرغاق ساقلاشتىن سىرت، ھەر كۈنى ئەڭ ئاخىرىدا مۇنچىغا چۈشكەن كىشى ئەڭ ياخشىسى سوغۇق سۇ بىلەن ھاجەتخانىنى چايقىۋېتىشى كېرەك، چۈنكى ئىسسىق سۇدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىغاندا، سوغۇق سۇدا كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغلار ئاسان ئۆسمەيدۇ. يەر ۋە تامدىكى سۇلارنى قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، نەملىك يوقىتىدىغان ئەسلىھەلەرنى ئېچىپ قويۇش كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى