بوۋاقلارنىڭ بېشىغا زادى ياستۇق قويغان ياخشىمۇ، قويمىغان ياخشىمۇ ؟ گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى جۇڭ جىنيۈەننىڭ تەۋسيە قىلىشىچە، ئوخشىمىغان ئايلىقتىكى بوۋاقلار ئىشلىتىدىغان ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ۋاھالەنكى بىر ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئۇمۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئەگمىلىكى تولۇق كۆرۈلمىگەن بولغاچقا، ياستۇق قويۇش تەۋسيە قىلىنمايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ياستۇق تاللىغاندا يۇمشاقلىقى، ئېگىزلىكى، ھاۋا ئۆتۈشچانلىقىغا چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېشىغا بىر سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ياستۇق ياكى ياستۇق لۆڭگىسى، ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېشىغا 3~4 سانتىمېتىرغىچە ئېگىزلىكتىكى ياستۇق، بىر ياشتىن چوڭ بوۋاقلارنىڭ بېشىغا 6~9 سانتىمېتىرغىچە ئېگىزلىكتىكى ياستۇق قويۇپ بېرىش مۇۋاپىق ئىكەن.