ياڭيۇنى كۆپىنچە كىشىلەر تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىسى كۆپ بولغانلىقتىن سەمرىتىش رولى بار، دەپ ئويلايدۇ. ئۇنداقتا راستىنلا شۇنداقمۇ ؟
ياڭيۇ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىسى ئادەتتە مىفەن، موما، بولكا قاتارلىقلاردىن تۆۋەن بولىدۇ. ئوخشاش مىقداردىكى كراخمالنى مىسالغا ئالغاندا، بىر جىڭ گۈرۈچ تۆت جىڭ ياڭيۇغا تەڭ بولىدۇ؛ بىر جىڭ پىشۇرۇلغان مىفەن 1.5 جىڭ ياڭيۇغا تەڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياڭيۇ تەركىبىدىكى كراخمال تاقابىلچان بولۇپ، ياغ ھۈجەيرىسىنى كىچىكلىتىش رولىغا ئىگە، دېمەك ياڭيۇ ئورۇقلىتىش رولىغا ئىگە.
ياڭيۇنىڭ يەنە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش رولى بار، لېكىن ياڭيۇ قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تەڭشىيەلمەيدىغان بولۇپ، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۆپ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ.