تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«ئۆمۈرلۈك ياخشى قېرىنداشلاردىن بولىمىز»

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلزىرە خەۋىرى: «يې ئاكا، موتوسىكلىتنىڭ نومۇر تاختىسىنى بېجىرىپ بولدۇم، سىز ئۆيدىمۇ؟ ئاپىرىپ بېرەي» جېمىنەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قانۇنچىلىق چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى جيا جىبىن 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردىلا تۇغقىنى ئېرلان قۇماربېكنىڭ ئۆيىگە كەلدى، نومۇر تاختىسىنى قولىغا ئالغان ئېرلان قۇماربېك خۇشال ھالدا جيا جىبىنغا: « سىز مېنىڭ ئۆز ئىنىمدەكلا، قاچانلا ياردەمگە چاقىرسام ماڭا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بېرىسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت!» دېدى.

  ئىككى پەرزەنتنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن ئېرلان قۇماربېك بىر ئائىلىلىك 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىن ناھىيە بازىرىدىكى چارۋىچىلىق 5-ئەترىتىگە كۆچۈپ كەلگەن ئىدى، كالا سۈتى سېتىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئۆيىدە بىر موتوسىكلىت بولسىمۇ، ئېرلان قۇماربېكنىڭ پىراۋىسى بولمىغانلىقتىن، كالا سۈتىنى كۈندە پىيادە يەتكۈزۈشكە توغرا كېلەتتى، ھاۋا سوۋۇغانسېرى سۈت يەتكۈزۈش كىشىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىشقا ئايلاندى.

  ئېرلاننىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇپ، پىراۋا ئېلىشنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيتتى، جيا جىبىن ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە ئاپىرىپ تىزىمغا ئالغۇزدى ھەمدە ئۇنىڭغا قازاقچە نۇسخىدىكى شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يانتېلېفون يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. «كۆڭۈل قويغان ئادەمگە قىيىن ئىش يوق ئالەمدە» دېگەندەك، بىر مەزگىل ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئېرلان ئاخىرى موتوسىكلىت پىراۋىسى ئالدى.

  ئېرلان قۇماربېك بىر ئائىلىلىك باشمالتىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىز خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ياخشى تۇغقىنىمىز، ياخشى قېرىندىشىمىز، بىز بىر ئۆمۈر قېرىنداش بولۇپ ئۆتىمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى