شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە پاختا يىغىۋېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىخۇ شەھىرىگە 1 مىليون 750 مىڭ موغا يېقىن كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش كۆلىمى 1 مىليون 500 مىڭمودىن ئاشىدىكەن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مو مەھسۇلات مىقدارى 360 كىلوگىرامغا يېتىدىكەن. ساۋەن ناھىيەسىدىمۇ كېۋەز تېرىشتىن ھوسۇل ئېلىشقىچە بولغان مەشغۇلاتلار ئاساسەن ماشىنىلاشقان بولۇپ، پاختىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىش ئۈنۈمى ئاشقان.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى