تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) يېمەكلىك ئىجازەتنامىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنى يولغا قويدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)لىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىك تىجارەت باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسى ئىچىدە يېمەكلىك تىجارىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلغان بازار سۇبيېكتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە ئىشلىتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)لىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن  ئىگىلىشىچە، 10-ئايدا ئەسلىدىكى تەستىقلاش سىستېمىنىڭ قەغەز گۇۋاھنامىنى بېسىش ئىقتىدارى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن؛ 11-ئايدىن باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى تەستىقلاش سىستېمىنىڭ قەغەز گۇۋاھنامىنى بېسىش ئىقتىدارى توختىتىلىپ، بارلىق يېمەكلىك ئىجازەتنامە كارخانا ۋە ئامما تەمىنلىگەن توغرا بولغان ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى ئادرېسىغا  ئەۋەتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى