تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يانفون ئېكرانىنى تازىلاشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى

    فېڭيۇجىڭ (风油精)
    بەزى كىشىلەر ئىسپىرت ئارقىلىق يانفون ئېكرانىنى سۈرتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا. چۈنكى، ئىسپىرت تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار ئېكران قەۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئېكراننىڭ تۇتۇق بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئىسپىرت بىلەن يانفون ئېكرانىنى دائىم سۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، يانفونغا قوغداش چاپلىقى چاپلىغۇچىلارنىڭ بەزىدە يانفون ئېكرانىنى فېڭيۇجىڭ بىلەن سۈرتىۋېتىپ ئاندىن قوغداش چاپلىقى چاپلايدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، فېڭيۇجىڭنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماي يەنە يانفون ئېكرانىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ. ئادەتتە يانفون ئېكرانىغا ئىككى تامچە فېڭيۇجىڭ تېمىتىۋېتىپ ئاندىن يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتسە بولىدۇ.

    سۈزۈك پلاستېر (透明胶带)
   سۈزۈك پلاستېر بىلەن يانفون ئېكرانىنى تازىلاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، يانفوندىكى كىچىك چاڭ-توزانلارنىمۇ تازىلىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ يانفون ئېكرانى ئەتراپىدىكى ئارىلىقلارغا كىرىپ قالغان كىرلارنى تازىلاشقا قولايلىق يارىتىدۇ.
    ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىزى قالىدىغان پلاستېر ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا، يانفون ئېكرانى يۈزىدە چاپلاشقاق ماددا پەيدا بولۇپ قالىدۇ ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

    ئىچىملىك سودا (小苏打)
    سۇغا ئاز مىقداردا ئىچىملىك سودا ئارىلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تالالىق لاتا بىلەن يانفون ئېكرانىنى سۈرتكەندە يانفون ئېكرانىنى پارقىراق ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئىچىملىك سودا ئاجىز ئىشقارلىق بولغاچقا يانفون ئېكرانىدىكى مايلارنى نېيتراللاشتۇرۇپ كىرلارنى پاكىز چىقىرىدۇ. 

خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى