شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئەمەلگە ئاشۇرغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 12 مىليارد 856 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.54 ئاشقان؛ بۇنىڭ بىلەن 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى تاماملىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.54 ئاشقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئەمەلىي ئىقتىسادنى، بولۇپمۇ سانائەت ئىقتىسادىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى توققۇز ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ياخشى ئورۇندالغان، ئىقتىسادىي ئايلىنىشمۇ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە، گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ساقلانغان تۈر 16 بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ 33 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يەتكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ سانى 362 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 2018-يىلى يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كارخانا 180گە يەتكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى