شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 2018-يىللىق «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى ئالتە يېزا-كەنت بۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ئۇلار قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسىدىكى چاقىرىقوي كەنتى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يۆلىياڭدى كەنتى،ساۋەن ناھىيەسىدىكى ئالاۋسۇن بازىرى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ئەلامان كەنتى ۋە بىڭتۈەن 4-شى 71-تۇەنىنىڭ 7-ليەنى، بىڭتۇەن 4-شى 73-تۇەنىنىڭ 8-ليەنى قاتارلىقلار.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى گۈزەل يېزا-كەنت، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھىتى داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىش، تېرىقچىلىق مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلارنى قوغداش، ئىستېمال يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش، يېزا-كەنت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش، يېڭى شەكىلدىكى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە بۇ باھالاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يەرلىكنىڭ كۆرسىتىشى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 150 يېزا-كەنت 2018-يىللىق جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتىگە تونۇشتۇرۇلغان.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى