تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

ئالتۇن كۈزدىكى رەڭدار جىلغا

قىزىل يوپۇرماق جىلغىسى

  قىزىل يوپۇرماق جىلغىسى شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيە مەركىزىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا بولۇپ، ھەريىلى 9-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە بولغان مەزگىلدە، بۇ يەردىكى ھەرخىل دەل-دەرەخلەر يېشىل رەڭدىن تەدرىجى سېرىق، قىزىل رەڭلەرگە كىرىپ، جىلغا رەڭدار تۈسكە كىرىدۇ. گۈزەل ماي بوياق رەسىمدەك رەڭلەنگەن جىلغا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى ساياھەت قىلىشقا ۋە سۈرەت تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قىزىل يوپۇرماق جىلغىسىدا ئۆسكەن دەرەخلەر ئاساسلىقى كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخ تۈرىنىڭ ياۋروپا تاغ تېرىكى دەپ ئاتىلىدىغان تېرەك تۈرىگە تەۋە بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت، ئاق تېرەك، قاپاق تېرەك قاتارلىق تۈرلەرمۇ بار.

  ئالتاي نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى