تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاتتىق كۈچەپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى ئۈزۈل – كېسىل تۈزەش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى:

  قاتتىق كۈچەپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى ئۈزۈل – كېسىل تۈزەش كېرەك

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ‹‹<باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››ىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، باش ۋەزىپە، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە قىلىپ، قاتتىق كۈچەپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، پۇختا تۈزىتىشى، ئۈزۈل – كېسىل تۈزىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، ئاچقۇچنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نازارەت قىلىش بىرىنچى مەسئۇلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۆت جەھەتتىكى 12 تۈرلۈك مەسىلە ھەم شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يول ئېچىپ، تۈزەش، تۈزىتىش ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، رەھبىرىي ئورگان، رەھبىرىي كادىرلارنى ئاساسىي ئوبيېكت قىلىپ، ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق مۇتلەق كۆپ سانلىقلارغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ‹‹شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەش توغرىسىدىكى يەتتە ماددىلىق تەدبىر››ىنىڭ تەلىپى بويىچە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى ئۇزاققىچە تۈزەش كېرەك. دەل جايىدا بولۇشقا كۈچەپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بايقاپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››كە دەل جايىدا تەتبىقلاپ، دەل جايىدا جازا ئۆلچەپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇشى، شەكىلۋازلىققا، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. نازارەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەكىلدە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، داۋاملىق كۈچەپ، تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى