تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ھەمراھ بولۇش — ئەڭ ئىللىق غەمخورلۇق

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرىدە خەۋىرى، فوتوسى: «ھامما، سىزنى كۆرگىلى كەلدىم، ئاشقازىنىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟ مەن سىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان پىرەنىك ئالغاچ كەلدىم!» تارباغاتاي ۋىلايەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە داشۆسى، تولى «جىنفۇ» كانچىلىق شىركىتىنىڭ تولى ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرى نەنۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شېن گۇيزى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، «تۇغقىنى» لى شىچۈننى يوقلاپ كەلدى.

  لى شىچۈننىڭ ئېرى ئاغرىپ قالغاچقا، بالىسى ئۇنى ئۈرۈمچىگە داۋالاتقىلى ئېلىپ كەتكەن، ئۆيدە لى شىچۈن ئۆزى يالغۇز قالغان ئىدى، شېن گۇيزىنىڭ كېلىشى لى شىچۈننى باشقىچە خۇش قىلىۋەتتى، ئۇ: «قىزىم، شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ يەنە كەپسىز، كەلگىنىڭىزمۇ ياخشى بولدى، ئەمدى سىز بىلەن پاراڭلىشىپ زېرىكمەيدىغان بولدۇم» دېدى. ئىللىق قۇچاقلىشىشتىن كېيىن شېن گۇيزى بىلەن لى شىچۈن پاراڭغا چۈشتى.

  بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان لى شىچۈننىڭ ئاشقازىنى بىئارام بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇنى بىلگەن شېن گۇيزى ئۇنى كەنتتىكى ئامبۇلاتورىيەگە ئاپىرىپ، كېسەل كۆرسىتىپ، دورا كەستۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەتتى، شېن گۇيزى لى شىچۈننىڭ  ۋاقتىدا دورا ئىچمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆيدە يالغۇز قويۇشتىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلدى. كەچتە شېن گۇيزى لى ھامما ئەڭ ئامراق تاماقلارنى ئەتتى، ئىككىسى ئانا-بالىدەك قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۆيدىن كۈلكە ساداسى ئۈزۈلمىدى...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى