تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ج ك پ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە-چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلاندى، ئاقسۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئاقسۇ ياخشى مېۋە مەنبەسى» رايون چوڭ ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى ياراتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە «يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە داڭلىق ماركا ۋە ئۆزگىچە مېۋە-چېۋە كەسىپ بەلبېغى بەرپا قىلىش ئارقىلىق «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى