تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالىي مەكتەپلەرنى سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  لى پېڭشىن ئالىي مەكتەپلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  ئالىي مەكتەپلەرنى سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئادەم تەربىيەلەش سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇقىملىق ۋە ئوقۇتۇش باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە بايرىقىنى ئالىي مەكتەپ بازىسىدا باشتىن – ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

   لى پېڭشىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، ئىلى سىفەن شۆيۈەنىگە بېرىپ، كۇتۇپخانا، ئوقۇتۇش بىناسى، پەن تەتقىقات مەركىزىگە كىرىپ، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاپ، ئالىي مەكتەپ پارتكوم رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش، مۇقىملىق ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ئالىي مەكتەپلەر ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان كۈچلۈك بازا، ماركسىزم ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان كۈچلۈك بازا، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش›› يېڭى دەۋر تارىخىي بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، سۈپەتلىك مەكتەپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسى، دەرس سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش مېتودى ۋە ۋاسىتىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كىشىلىك پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىشنى خىزمەت نىشانى قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، نىشانلىق ياردەم كۈچلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن تەتقىقاتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەرخىل، مەخسۇس، ئالاھىدە، كۈچلۈك ئەۋزەل پەن قۇرۇش كېرەك. ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سىستېمىسىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، بولۇپمۇ كونسپىك ۋە ئۆزى تۈزگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش، تاللاپ ئىشلىتىش، تۈزۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھالقىسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن مائارىپ ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. ئىدىيە، سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە، قىممەت قارىشىنى يېتەكلەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى