تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى ھەم بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە قوللاپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسى ‹‹جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى››نىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىدىغان يۈكسەك غايە – ئېتىقاد ۋە ئەخلاق – پەزىلەت ئىنتىلىشىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى خىزمەت، تۇرمۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت – بۇرچنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا خىزمەت ئورنىنى بازا قىلىپ ساقلاپ، خىزمەتنى كەسىپ قىلىپ ئىشلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنى بۇرچ دەپ قاراپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى، سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ بېغىشلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇتەللىپ قاسىم، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى