تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەت – بۇرچنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاچقان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەۋى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەت – بۇرچنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى پائال مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئەقىل كۆرسىتىش، بولۇپمۇ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىق پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىشىغا، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئىلمىي پىلانلىشىغا ياردەملىشىپ، ئاساسىي قاتلام ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ۋە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسىتىپ كۈچ قوشۇپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەملىشىش كېرەك. ‹‹جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى››نىڭ مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ئىش ئورنىغا سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتى ۋە كەسىپ ئەخلاقىدىن ئۆگىنىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ئالىيجاناب غايىسى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا خىزمەت ئورنىنى بازا قىلىپ ساقلاپ، خىزمەتنى كەسىپ قىلىپ ئىشلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنى بۇرچ دەپ قاراپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى، سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ بېغىشلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن قايتا – قايتا چوڭقۇر ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، چۈشىنىش، بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىش جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، ئىدىيە جەھەتتە قوراللىنىش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى