تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەم بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسى ‹‹جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى قەھرىمان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى››نىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەھرىمانلار ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئىش ئورنىغا سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتى ۋە كەسپىي ئەخلاقىدىن ئۆگىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەھرىمان، ئۈلگىلەرنىڭ يۈكسەك غايە – ئېتىقادى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشكە بولغان ئىنتىلىشنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئادەتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا نامايان قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى