شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئەمەلىيلەشكەن بىر يىلدىن بۇيان، شەھەر بويىچە 90 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ داۋالىنىشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قىسمەن سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۆلچىمى 800 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، ئەمدى خىزمەتچىلەر تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە بالنىتسىدا يېتىپ باقمىغان شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرى ۋە جانلىق سۇغۇرتىلانغۇچىلار سالامەتلىك تەكشۈرتسە، ھەربىر ئادەم 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىجرا قىلىنغان؛ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بالنىتسىدا ياتمىغان ھەم ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتناشمىغانلار يىلىغا 200 يۈەندىن قوشۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۆلچىمى بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەندىن ئاشمىغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قىسمەن سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۆلچىمى 800 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر-بازارلىرىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچىلار 33 نۇقتىلىق دوختۇرخانىدا سالامەتلىك تەكشۈرتسە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىنىدىكەن، توققۇز چوڭ تۈر 72 كىچىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرىنى ئىختىيارىي تاللىسا بولىدىكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى