تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 500 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى(10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە)دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 501 مىڭ 800 ئادەم(قېتىم)گە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.29 ئاشقان؛ 3699 ئايروپىلان(قېتىم) ئۇچۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.19 ئاشقان.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار بېسىق مەزگىلى بايرامنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنى بىلەن كېيىنكى ئىككى كۈندە كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن بېيجىڭغا بارىدىغان يولۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئومۇمىي ئورۇندۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %93 بولغان، بولۇپمۇ دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە بىلەت ئالماق ناھايىتى تەس بولغان؛ شاڭخەي، نەنجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىكى ئايروپىلان ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %85تىن ئاشقان؛ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى چەرچەن، كورلا، قاراماي ۋە قاناس قاتارلىق ساياھەت قىزىق نۇقتىسى بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىكى ئايروپىلان ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %85تىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى