تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى

  شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى بارۈن ئارمودۇن بازىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قايدۇ دەرياسى بۆلىكىدىكى كۈز مەنزىرىسى. (2018-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چۆ خۇرى خەۋىرى، فوتوسى: ئالتۇن كۈز پەسلىدە زۇمرەتتەك شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان قايدۇ دەرياسى بىلەن ئۇچىسىغا ئالتۇن رەڭ «يېپىنجا ئارتقان» كەڭ دالا شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل مەنزىرە كىشىلەرگە كەڭ قۇچاق ئاچتى. قايدۇ دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 610 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى ھېسابلىنىپلا قالماي يەنە مەشھۇر ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋادى يەر مەيدانى 22 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، خېجىڭ، خوشۇت، قاراشەھەر، باغراش قاتارلىق ناھىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى