تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرىمەن

  گۇما ناھىيەسى كىلىياڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئابلىكىم ئابلىز

  مەن ئادەتتىكى كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيە مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، بارلىقىمنى پارتىيە بەردى، مەن پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمەن، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىمەن، يۇرتۇمنى قىزغىن سۆيىمەن، خىزمىتىمنى قىزغىن سۆيىمەن، مەيلى قەيەرگىلا باراي، ئۆزۈمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرىمەن، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن، خەلققە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. مەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. نۆۋەتتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن سىنىقى ئالدىدا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى سىناپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىم ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن، ھەرگىزمۇ چەتتە قاراپ تۇرمايمەن، ھەرگىزمۇ تاماشا كۆرگۈچى ۋە سۈكۈت قىلغۇچىلاردىن بولمايمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىمەن، ئەتراپىمدا كۆرۈلگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى توسىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىمەن، ئالدىدا ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، پارتىيە ۋە خەلققە ئاسىيلىق قىلىدىغان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېغىز – بۇرۇن يالىشىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ۋاقتىدا پاش قىلىمەن، دادىل پاش قىلىمەن، كەڭ ئاممىغا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئېنىق سۆزلەيمەن، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، مۇقىملىقنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئېنىق سۆزلەيمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ياخشى باشلامچىلاردىن، ياخشى ئۈلگىلەردىن بولىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرىمەن، مەردانىلىك بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىمەن، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە، ئىتتىپاقلىق – ئىناقلىقنىڭ ئۆزى بەخت. ۋەتىنىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بىز چوقۇم ‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت›› دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ قانچىكى چاتاق چىقارماقچى بولغانسېرى، بىز مىللەت، دىنغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى شۇنچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازلىق سېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. تار مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى