تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەركىن تەلئەت

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك››. بىز پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، سىياسىي مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشىمىز، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ تەربىيەسى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى. مەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى چىن دىلىمدىن ھىمايە قىلىمەن، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاممىنى يېتەكلەشتە ئۈلگىلەردىن بولىمەن، چىن دىلىمدىن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلىپ، قاراڭغۇ بۇلۇڭ – پۇچقاقلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، ئۈزۈل – كېسىل غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي بولدى قىلمايمەن.

  ھازىر ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، كەڭ كادىرلار ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، پايدا يەتكۈزۈش ياخشى سىياسەتلىرىنى جاي – جايلارغا يەتكۈزۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا يار – يۆلەك بولىدىغان، ئۆزئارا چوڭقۇر رىشتە باغلايدىغان، ئۆزئارا مېھىر – مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر مەيدانغا كەلدى.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئېتىقادى چىڭ بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش، دۇرۇس – پاك ياخشى كادىر بولۇش ئۆلچىمىنى تىرىشىپ ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، باشتىن – ئاخىر سىياسىي مەيدانىمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز. ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا، بىز جەزمەن بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، چىن ھېسسىيات، مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي، كەسكىن زەربە بېرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قېزىپ چىقىپ يوقىتىشىمىز، غالجىرلاشقان دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا ئۆلۈكىنى كۆمگۈدەك جاي قويماسلىقىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ۋە خىزمەت نەتىجىمىز ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى