تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى

  مۇخبىرلىرىمىز لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش، سەپەرگە چىقىش ئەھۋالى مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلمىدى.

  9 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىققان يولۇچى جەمئىي 559 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 33 مىڭ ئادەم(قېتىم) كۆپىيىپ، %6.34 ئاشتى، تىرانسپورت بىخەتەرلىك خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى.

  9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىققان يولۇچى جەمئىي 78 مىڭ 700 ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىڭ 86 ئادەم(قېتىم) كۆپىيىپ، %23.7 ئاشتى؛ 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يولغا چىققان يولۇچى جەمئىي 80 مىڭ 500 ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 مىڭ 934 ئادەم(قېتىم) كۆپىيىپ، %15.59 ئاشتى، ئۇدا ئىككى كۈن ۋوگزال تارىخىدىكى كۈندىلىك يولغا چىققان يولۇچى سانى يېڭىلىنىپ، يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

  بايرام مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋوگزاللار ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، ئۇقتۇرۇش، رادىيو قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى كۈچەيتتى؛ ئالاقە تورى، تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىش، بېلەت ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ ۋوگزال ئىچىدە يېتەكلەش خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى. بېلەت سېتىش، پويىز كۈتۈش، ۋوگزالغا كىرىش، پويىزغا چىقىش، ۋوگزالدىن چىقىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەر تەرتىپلىك، رەتلىك ئىشلىنىپ، يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  بايرام مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 500 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ، 3702 ئايروپىلان(قېتىم)بىخەتەر ئۇچتى، قوندى.

   ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققان يولۇچى مىقدارى بايرامنىڭ ئالدىنقى ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆپ بولۇش، ئارىلىقتا ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ، چېڭدۇ، جېڭجوۋ، فۇجوۋ، شىئەن قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئايروپىلانلارغا يولۇچى چىقىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى؛ شىنجاڭ ئىچىدە، كورلا، كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئايروپىلانلارغا يولۇچى چىقىش نىسبىتى %85تىن ئاشتى؛ خەلقئارا لىنىيەدە، ئالمائاتا، دۇبەي، موسكۋا قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئايروپىلانلارغا يولۇچى چىقىش نىسبىتى %85تىن ئاشتى.

  يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق تۆت جايغا قاتنايدىغان 787 كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ئۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق غول لىنىيەلەرگە 737MAX تىپلىق ئايروپىلاننى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇردى، تېخىمۇ چوڭ ئايلانما ئوق شەكىللىك يۈك – تاق بۆلۈمچىسى يولۇچىلارغا سەپەرگە چىقىشنىڭ قولايلىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى