تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايرام كەيپىياتى قويۇقلاشتى، ئىستېمال بازىرى ئاۋاتلاشتى

  مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، زو ۋيى، لى داۋجۇڭ

  ساياھەت مەنزىرە رايونىدا كىشىلەر سەلدەك ئاققان، سودا سارايلار، تاللا بازارلار، يېمەك – ئىچمەك ئورۇنلىرىدا سودا قىزىغان، ‹‹ئالاقە تورى + ›› ئىستېمال تۇيغۇسىنى ئاشۇرغانىدى... ‹‹ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى››دە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ پايدىسى داۋاملىق تارقىتىلغاچقا، بايرام كەيپىياتى قويۇقلىشىپ، ئىستېمال بازىرى جانلىنىپ، سودا – سېتىق جانلىنىشتەك ئىستېمال ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئىستېمال سەۋىيەسى، ئىستېمال قۇرۇلمىسى يېپيېڭى دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى.

  ‹‹ئالاقە تورى+››: ساياھەت ئىستېمالىدىكى يېڭى تۇيغۇ

  10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، شىمالىي شىنجاڭنى ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەت قىلىشنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ چېڭگاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىز قاناس، كۆكتوقاي، ۋۇسەيتەن، شەيتانكەرىش ساياھەت رايونىغا بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى خۇشال ئوينىدۇق.

  ساياھەت خەلق ئىگىلىكى ئىستېمالىدىكى ‹‹مۇتلەق ئېھتىياج››غا ئايلاندى، ئورمانلار رەڭلەر بىلەن بېزەلگەن، چەكسىز گۈزەل مەنزىرىگە تولغان كۈز كۈنلىرى ساياھەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، دۆلەت بايرىمىلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى ھەۋەسكارلىرىنى يېتەرلىك ۋاقىت بىلەن تەمىنلىدى. جايلارنىڭ ساياھەتچىلىكىمۇ تەدرىجىي ھالدا مەنزىرە نۇقتىسى ساياھىتىدىن پۈتۈن رايون ساياھىتى ئەندىزىسىگە ئۆزگەردى، ‹‹ئالاقە تورى + ئاقىل ساياھەت›› قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ مەنزىرە نۇقتىسى كۆزنەك تور بېكىتى، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ساياھەت ئۇچۇرى، ئىشىك بېلىتىنى سېتىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئېلان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال يېڭى تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇردى. جاڭ چېڭگاڭ مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن توردا مېھمانخانا ئۇقۇشتۇق، ساياھەت نۇقتىسى ئىشىك بېلىتىنى زاكاز قىلدۇق، ئالاقە تورى بولغاچقا، ساياھەت قىلىشمۇ بارغانسېرى ئاسانلاشتى.

  ساياھەتچىلىكنىڭ گۈللىنىشى ئائىلىۋى قونالغۇ سودىسىنى جانلاندۇردى. 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، فۇجيەنلىك ساياھەتچى خۇاڭ ئەپەندى تېكەس ناھىيەسىنىڭ بېييۈەن ئائىلىۋى قونالغۇ رايونىدىكى فېڭيى ئائىلىۋى قونالغۇدىن ئايرىلغاندا، كۆزى قىيمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ساياھەت تور بېكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تۇنجى قېتىم تېكەسكە كېلىپ، سىرلىق گۇمانىتارلىق ۋە تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىلەردىن مەستخۇش بولدۇم، ئۆزگىچە، خاس ئائىلىۋى قونالغۇدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەي، كەتكۈم كەلمەي قالدى!

  فېڭيى ئائىلىۋى قونالغۇسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ لياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئائىلەمدىكى بەش ئېغىز ئۆي، 20 كارىۋات بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدىم، تاماق ۋە ياتاق تىجارىتىدىنلا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. ئىگىلىنىشىچە، تېكەس ناھىيەسىدە ئائىلىۋى قونالغۇنىڭ سانى ئىككى يىلدىن بۇيان بەش ھەسسە كۆپەيگەن، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە يەنە يېڭىدىن يەتتە ئائىلىۋى قونالغۇ كۆپىيىپ، جەمئىي 63كە يەتكەن.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇھىت ئاسراش: يېشىل ئىستېمال يېڭى تاللاشقا ئايلاندى

  مۇشۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ چياڭ ئەر – خوتۇن بىكار تۇرمىدى، ئۇلار ئىككىيلەن تېخى يېڭىلا بېزىۋالغان ئۆيىگە ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سەپلەش ئۈچۈن ئىككى – ئۈچ كۈن قاتراپ، 70 – 80 مىڭ يۈەن خەجلەپ، ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەپلىۋالدى. ۋاڭ چياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئولتۇراق مۇھىتىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇ يىل ئەتىيازدا ئۆيىمىزنى 140 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە ئالماشتۇردۇق، بۇ قېتىم سېتىۋالغان ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ دەرىجىسى بۇرۇنقىلىرىدىن خېلىلا يۇقىرى، ھاۋا تەڭشىگۈچنى يان تېلېفون ئارقىلىق يىراقتىن باشقۇرغىلى بولىدۇ، توڭلاتقۇمۇ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يېڭى مەھسۇلات. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، پۇقرالارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي شارائىتىمىز ياخشىلاندى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

  مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ئالتۇن ھەپتە مەزگىلىدە، كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئاشقان. 10 – ئاينىڭ 4 – كۈنى شىنجاڭ سەيبوتې خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدە نۇرغۇن ئىستېمالچى كۆڭلىدىكىدەك ئاپتوموبىلنى تاللاپ سېتىۋالماقتا ئىدى. شىنجاڭ تيەنخۈي سەيبوتې شەھەر كۆرگەزمە زالىدىكى مال ساتقۇچى شياۋ پىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈندە ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلار ئادەتتىكىدىن كۆپەيدى، بىزنىڭ ئىككى كۆرگەزمە ئورنىمىز بار، تۈنۈگۈن 14 ئاپتوموبىل ساتتۇق، ئۈلۈشكۈن 16نى ساتقانىدۇق.

  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان، ساغلام، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. شياۋ پىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى نەچچە كۈندىكى سېتىش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، 100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئائىلىۋى ئاپتوموبىللار ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋېتىپتۇ. تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ يارقىن نۇقتىسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ‹‹بۇ بىر نەچچە كۈندە بىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن بەشنى ساتتۇق، ھازىر يېشىل تۇرمۇش ئىدىيەسى تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كۆپلىگەن ئىستېمالچىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى››.

  ‹‹توردا+تور سىرتىدا››: سودا ساراي، تاللا بازارلىرى، يېمەك – ئىچمەك ئورۇنلىرىدا سودا قىزىپ كەتتى

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى سودا كوچىسى، مال سېتىۋېلىش مەركىزى، سودا ساراي قاتارلىقلار بەس – بەستە بايراملىق سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باھانى چۈشۈرۈش، ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئادەم توپلاپ، ئىستېمالنى يېتەكلىدى. ھەرقايسى ئىستېمال سورۇنلىرىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، سودا – سېتىق جانلاندى.

  ‹‹ئىستېمال 300 يۈەنگە توشسا، 200 يۈەن سوۋغات قىلىنىدۇ››، ‹‹ئىستېمال 198 يۈەنگە توشسا، 80 يۈەن سوۋغات قىلىنىدۇ››... 10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق جەنۇبىي يولىدىكى شىنجاڭ دوستلۇق بەيشېڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەسكەرتمىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، 1 – قەۋەتتىكى چوڭ زالغا يەنە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پوكىيى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن خېرىدارنى جەلپ قىلغانىدى. چوڭ – كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان خېرىدار ۋاڭ يىڭيىڭ مۇنداق دېدى: مەن سودا ساراينىڭ جامائەت ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بايراملىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇرىنى ئۇقۇپ، كىيىم ۋە پەرداز بۇيۇملىرى سېتىۋالدىم، 4000 – 3000 يۈەن خەجلىدىم.

  يېمەك – ئىچمەك كەسپى ئوخشاشلا ئىستېمالنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، ئالتۇن ھەپتە مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش يولىغا جايلاشقان قەشقەر يىنرۈيلىن خەلقئارا مېھمانسارىيىنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى. 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتە، مۇخبىر بۇ مېھمانسارايدا ئۈچ جۈپ ياشنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆردى. مېھمانساراي يېمەك – ئىچمەك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بى شياۋچاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىر نەچچە كۈندە، مېھمانساراينىڭ يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى كۈتۈۋېلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، 1 – قەۋەتتىكى غەربچە تاماقخانىنىڭ كۈندىلىك كۈتۈۋېلىش مىقدارى 1000 ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان، 2 – ، 3 – قەۋەتتىكى ئايرىمخانىلارمۇ ئاساسەن توشقان بولۇپ، مېھمانساراينىڭ تىجارەت سوممىسى ئادەتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى – ئۈچ ھەسسە ئاشقان. بى شياۋچاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مېھمانسارىيىمىز نۇرغۇن توي ۋە ئۆي زىياپىتى ئۆتكۈزدى. بىز توردا ئالدىن زاكاز قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق، توردا چىقىم قىلىپ، تور سىرتىدا ئىستېمال قىلغىلى بولۇشتەك كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى