تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«يېقىشلىق <سۆزلەر> — باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» پات ئارىدا كۆرسىتىلىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر بەي يىڭ). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىجاد قىلغان «مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» ئالاھىدە پىروگراممىسى «يېقىشلىق <سۆزلەر> — باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كەچتە كۆرسىتىلىدۇ. پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە كىلاسسىك نادىر جۈملىلەر ئاساسىي نۇقتا قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى ۋە كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان.
    مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پىروگرامما «ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ غەمخورلۇق قىلىشىمىز كېرەك»، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا پۇقرالارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك»، «ئەخلاق بولمىسا، دۆلەت روناق تاپالمايدۇ»، «دۆلەتنىڭ ئاساسى ئائىلىدە»، «باھاردەك ئىللىق ئانا مېھرىگە ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزۈش»، «رازىمەن مېيخۇانىڭ خۇش پۇرىقى تارالسا ئالەمگە»، «شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق تونۇش بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتتىنمۇ ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك»، «ئېسىل پەزىلەت بىلىم ئېلىشتىن كېلىدۇ»، «سېسىغان بامبۇكلار تۈمەن تال بولسىمۇ، چوقۇم چېپىپ تاشلاش كېرەك»، «ئەلنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئىختىساسلىقلارغا باغلىق»، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق روھى بولۇش كېرەك»، «داغدام يولدا ماڭغاندىلا ئىناق جەمئىيەت قۇرغىلى بولىدۇ»دىن ئىبارەت 12 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، «ئەسلىي ئاۋازلىق مىكرو سىن پىروگراممىسى»، «ئىدىيەنى چۈشەندۈرۈش»، «كىلاسسىك يەشمە»، «نەق مەيدان سۆھبىتى»، «ئۆزئارا سوئال – جاۋاب»، «كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش»تىن ئىبارەت ئالتە ھالقىدىن تەركىب تاپقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.