تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى


    «يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش — ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈش بولۇپ، ئۇنى <بەشنى بىر گەۋدە قىلىش> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، <تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئالغا سىلجىتىش نۇقتىسىدىن ئىگىلەپ، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، ئىرادىنى ساقلاش، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەش، مۇھىتنى قايتا يارىتىش، جاسارەتنى قايتا ئۇرغۇتۇش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تىرىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».
    دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت كۈن ۋاقىت ئىچىدە، 2000 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كېزىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تېمىنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ مۇھىم سۆز كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كەڭ كادىرلار، ئامما مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
    شەرقىي شىمال رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2015-يىلى 12-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىدىغان، ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشى ھەم مۇھىم سۆز قىلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتەك يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا قەتئىي ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.
    ئىشەنچنى چىڭىتىشتا، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونى پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يېڭى جۇڭگو سانائىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي شىمال رايونى خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرگە ئىگە بولۇپ، بايلىق، كەسىپ، پەن-مائارىپ، ئىختىساسلىقلار، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق تىرەكلىك ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش، ئېلىمىز كەسىپلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بۇ جەرياندا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورنى مۇھىم، رولى ئاچقۇچلۇق، تەڭداشسىز بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كۈچى، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىل مۇھىت ۋە تىجارەت – سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، شەرقىي شىمال رايونى رايون ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئىقتىسادىي تىرەك بەلبېغى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ۋەزىپىنى تاماملىيالايدۇ.
    ئىشەنچنى چىڭىتىشتا، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى قاراش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تۈپ يول قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش؛ ئېچىش-ئېچىۋېتىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي تۈگۈن بەرپا قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مەۋقە، مەقسەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتنى ھەل قىلغاندىلا، شەرقىي شىمال رايونى سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا بولغان، ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان تەرەققىيات يېڭى يولىنى ئاچالايدۇ.
    يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەك، بىز چوقۇم يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشالايمىز.
    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى