تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى»دە شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازارلىرى قاينام–تاشقىنلىققا چۆمدى

   ساياھەتچىلەر ئومۇمىي مىقدارى، ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسىدا بىردەك يېڭى رېكورت يارىتىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ ئىستاتىستىكا شىركىتىنىڭ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشى ھەم ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىي ھېسابلىشىغا قارىغاندا، ‹‹ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى››دە شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازارلىرى قىزىپ كەتكەن، دۆلەت ئىچىدىن جەمئىي 10 مىليون 212 مىڭ 700 ئادەم(قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.05 ئاشقان، 14 مىليارد 247 مىليون يۈەن ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى يارىتىلىپ، سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان ئۆلچەملىك ئۇچۇرغا سېلىشتۇرغاندا %37.56 ئاشقان، ساياھەتچى ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسىدا بىردەك يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى، ئېكولوگىيە سەيلە – ساياھىتى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەشكىللىگەن 2018 – يىللىق ‹‹1000 ئاپتوموبىل 10 مىڭ ئادەم تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈش›› پائالىيىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ‹‹ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى››دە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى قىلغانلاردىن 7 مىليون 436 مىڭ 900 ئادەم(قېتىم) كۈتۈۋېلىنغان، ئائىلە ئاپتوموبىلىدا سەپەرگە چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %72.82كە يەتكەن. بۈگۈر ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۈزدە ئۇچرىشىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان توغراقلىقنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى – سىرتىدىكى كۆپلىگەن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان. قاناسنىڭ كۈز مەنزىرىسى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قاناسقا ئالتۇن كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا بارغان ساياھەتچى 23 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشقان. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچى سانىدا سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى جەمئىي 15 مىڭ 96 ئادەم(قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %405.55 ئاشقان.

  ئاق – يېشىل رەڭلىك يېڭى سورت، شەكلى نەپىس يېشىل رەڭلىك ھەيكەل، شارقىراتما شەكىللىك ئاسما جۇخارگۈل... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 7 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ (سانجى) جۇخارگۈل كۆرگەزمىسىدىكى 1018 خىل سورت، 1 مىليون تۈپتىن ئارتۇق جۇخارگۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى. 7 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ(سانجى) جۇخارگۈلى كۆرگەزمىسى ئارقىلىق سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا سانائەت رايونىنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى ئەتراپتىكى كۆپلىگەن رايون ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، بىر كۈنلۈك ساياھەتكە جەلپ قىلدى. ‹‹ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى››دە، پۈتۈن شىنجاڭدا بىر كۈنلۈك ساياھەت بويىچە 5 مىليون 165 مىڭ 600 ئادەم(قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى.

  چىراغ نۇرلىرى كۆزنى چاقنىتىپ، گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى، غەربىي چوڭكۆۋرۈكتە تاماشا قىلغۇچىلار مىغىلداپ كەتتى، كۆپچىلىك بەس – بەستە يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلىرىنى چىقىرىشىپ بۇ گۈزەل پەيتنى سۈرەتكە تارتىپ، ۋەتەننىڭ ئەتىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى