تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز

  ئۈرۈمچىدىكى باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدە ھەر مىللەت ئامما ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى ـــ

  دەرەخلەرگە ئورنىتىلغان چىراغلار رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ، كېچە ئاسمىنىنى نۇرلۇق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى... 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كېچىدە، ئۈرۈمچى ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى باشلاندى. چىراغ نۇرى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن كۆرۈنۈش شەھەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ تاملىرىدا كۆزنى چاقناتتى؛ تەسىرلىك ناخشا ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› كېچە ئاسمىنىدا ياڭرىدى؛ مىغ – مىغ كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن ناخشىغا جور بولدى... ھەر مىللەت ئامما دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز›› دېگەن ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  84 ياشلىق لى شۇشيەن قىزى بىلەن كۈيۈئوغلىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئالايىتەن چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى كېلىپ: مېنىڭ بۇنداق كاتتا چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، بەك چىرايلىق ئىكەن، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 1951 – يىلى مەن خېنەندىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدىم، ئۇ چاغدىكى غەربىي چوڭكۆۋرۈك ئاددىيلا بىر ياغاچ كۆۋرۈك ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، ئۈرۈمچى چېگرا رايوندىكى بىر كىچىك شەھەردىن زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، مەن ئىلگىرىكى قۇرغۇچى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن!

  رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى ئاجايىپ كۆركەم بولۇپ، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇراتتى. شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئەپەندى ئىلگىرى قىسىمدا كۆپ يىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، ئۇ ئۈرۈمچىدە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى نامايان قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئۈچۈن بەك جىق ئەمەلىي ئىش ۋە ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

  مۇخبىر ئىمارەتلەردىكى ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن غايەت چوڭ كۆرۈنۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ بەس – بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدىغان قىممەتلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئايلانغانلىقىنى بايقىدى: ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بىر جۈپ ئۇيغۇر ئاشىق – مەشۇق تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى؛ چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان پېشقەدەم يولداشلار پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ، دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى؛ نۇرغۇن ئائىلە كىشىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندە چىن يۈرىكىدىن ‹‹ۋەتەن ئۇلۇغ››، ‹‹ۋەتەن سېنى سۆيىمەن››، دەپ توۋلايتتى.

  قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ، ناخشا ساداسى ياڭرىدى. ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› بۇ كېچىدە ياڭرىغان ئەڭ كۈچلۈك ساداغا ئايلاندى، ‹‹ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىدىن پەخىرلىنىمىز، ئۇلۇغ يېڭى دەۋردىن پەخىرلىنىمىز!›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئايلاندى.

  ئايلانما قىزىل پانۇس، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› يۈرۈشلۈك شوئارلار، يەلكەن تارتىپ يۈرۈشكە ئاتلانغان كېمىلەر... چىراغ نۇرلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تارماق رايونىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى ئادەتتىن تاشقىرى تەنتەنىلىك، ھەيۋەتلىك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. شەھەر ئاھالىسى ليۇ ئەنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا، ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، جەمئىيەت بارغانسېرى ئىناق، مۇقىم بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە بەرگەن، پارتىيە ۋە ۋەتەن بىزگە بەرگەن، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار.

  دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇنقى ئۈچ كۈندە، شىنجاڭ بېيشىن يۈنفېڭ ئۆي – مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى چىراغ، سىزما نۇسخا، خەتلىك ئېكراننى يېرىم كېچىگىچە ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ سىنىدى. بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى چى شەنجاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، بىزنىڭ ئانا شىركىتىمىز بولغان بېيشىن يول كۆۋرۈك شىركىتى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلاندى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشى بولدى، بىز قۇرغان بېيشىن سارىيىغا نۇرغۇن داڭلىق كارخانا ماكانلاشتى، بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولدۇق، بىزنىڭ بۇ قېتىمقى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر.

  دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزى سىرتقى تېمىنى يۇيۇپ، چىراغلارنى كۆپ قېتىم رېمونت قىلدى، ئالماشتۇردى ۋە تەڭشىدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ياڭ فەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بارغانسېرى بېيىدى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىناقلىقىنى، مۇقىملىقىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  (مۇخبىرلىرىمىز يەن شياۋجۈەن، ۋاڭ يۇڭفېي، دۇڭ لياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى