تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باغراش ناھىيەسىنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

«خېبېي-شىنجاڭ مۇھەببىتى، بايىنغولىن سەپىرى» ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى ئەترىتى باغراش كۆلى بويىدىن ماڭماڭتا. (نيەن لېي فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى خەۋىرى: سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە باغراش ناھىيەسى قوبۇل قىلغان ساياھەتچىلەر سانى ۋە بۇنىڭدىن كىرگەن ساياھەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.2 ۋە %30 ئاشقان.

    دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلغان.

  2018-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە باغراش ناھىيەسىدىكى كۆل بويى رايونلىرىدا ئۆزگىچە ياۋا بېلىق تاماقخانىلىرى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرى جاي-جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەر يەرلىك ياۋا ئورگانىك چۆپخور بېلىقنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە تائاملارغا ئىشتىياق بىلەن ئېغىز تېگىپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى. يەرلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ يېشىل سەي-كۆكتات، قولدا سىزىلغان قومۇش رەسىم قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

زۇمرەتتەك كۆل سۈيى ۋە كۆل بويىدىكى قۇملۇق (ۋۇ دۇڭلياڭ فوتوسى)

باغراش كۆلىنىڭ كۈز مەنزىرىسى (نيەن لېي فوتوسى)

كۆل يۈزىدە ئويناقشىۋاتقان قۇشلار (ليۇ خاۋ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى