تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بىر ياشتىن كىچىك بالىلارغا مېۋە سۈيى بەرمەسلىك كېرەك

  بىر ئىستاكان كولا بىلەن بىر ئىستاكان مېۋە سۈيىنى تاللاش توغرا كەلسە، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن سىز قايسىسىنى تاللايسىز ؟ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %99 ئادەم مېۋە سۈيىنى تاللايدىكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2015-يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ شېكەرنى ئاز يېيىشىنى، ھەربىر ئادەمنىڭ كۈنىگە ئىستىمال قىلىدىغان شېكىرى 25 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. لېكىن، ھەرقانداق خىلدىكى بىر ئىستاكان مېۋە سۈيىنى ئىچكەندە 20-40 گىرامغىچە شېكەرنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدىكەن. ئومۇمىي ئېنېرگىيەدىن كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ مىقدارىغىچە مېۋە سۈيى كولادىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلار مېۋە سۈيى ئىچكەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  1. بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشى مۇمكىن.

  2. ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  3. بالا سەمرىپ كېتىشى ياكى چىشىنى قۇرت يېيىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى