تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ نوپۇسىدىكى كىملىك يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاپ ئېلىش رەسمىيتىنى توردا بېجىرسە بولىدۇ

  ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 40 يۈەن، بېجىرىش قەرەلى 20 خىزمەت كۈنى، كىملىك تېز يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ نوپۇسىدىكى كىملىك يۈتۈپ كەتسە، تولۇقلاپ ئېلىش رەسمىيتىنى توردا بېجىرىشكە بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلتىماس قىلغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى (http://www.xjgat.gov.cn) دىن كەسىپ بېجىرسە بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2-ئەۋلاد كىملىكى يۈتۈپ كەتكەن ئاھالىلەرنىڭ كىملىكىنى تولۇقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىملىك كەسپىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى كىملىك يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاش كەسپىنى توردا بېجىرىش سىستېمىسىنى ئاچقان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 70كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ خىل بېجىرىش شەرتىگە ماس كېلىدىغان شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ كەسىپ بېجىرسە بولىدىكەن.

  ئۈچ خىل بېجىرىش شەرتى: 2-ئەۋلاد كىملىكى يۈتكەن ھەمدە كىملىكى بارماق ئىزى ئۇچۇرى كىرگۈزۈلگەن 2-ئەۋلاد كىملىك بولۇشى؛ كىملىكتىكى سۈرەت، بارماق ئىزى ئۇچۇرى ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە بولۇشى؛ ئالدىنقى نۆۋەت كىملىك بېجىرگەندىن كېيىن، نوپۇس ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇشى كېرەك.

  بېجىرىش تەرتىپى: ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى تورىغا كىرىپ، «ئىش بېجىرىش زالى»نى چېكىپ، «كىملىك بېجىرىش» دېگەن جايغا كىرىپ، كەسىپ بېجىرىش، تىزىملىتىش، ئۇچۇر كىرگۈزۈش، ھەق تۆلەش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە بېجىرسە بولىدۇ. 20 خىزمەت كۈنىدىن كېيىن تېز يوللانما ئارقىلىق كىملىك ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى، بېجىرىش جەريانىدا سۈرەتكە تارتىپ ئىسپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم كامېراسى بار كومپىيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى